بۇ يازما 14 قېتىم كۆرۈلدى ئويلاپ باقمىدىم

ئويلاپ باقمىدىم

شېئىر
 
مەمتىمىن  غوپۇر  يادىكار (يادىكار)
 

ئويلاپمۇ  باقىمدىم  سېنى  كېلەر  دەپ،
شۇ ئۇزاق يوللاردىن توپا توزۇتۇپ.
خاتىرجەم بولغانمەن شۇنچىلىك بەلكىم،
شۇ كۈنى يار سېنى قويۇپ ئۇزۇتۇپ.

ئويلاپمۇ باقىمدىم سېنى يازار دەپ،
يالغاندىن بولسىمۇ بىرەر مەكتۇپ- خەت.
ئويلىسام ئەلەمدىن شۈركىنەر تېنىم،
بىر ساڭا تارتىشىپ تارتىپ تولا دەرت.

ئويلاپمۇ باقمىدىم سوراپ قالار دەپ،
تونۇشلار ئۇچرىسا مەن توغرۇلۇق گەپ.
مەنمۇ ھەم تاشلىماي ئىزلىمەسمىدىم،
ئەرزىسەڭ ئەگەردە  ئۆتۈشكە ئەسلەپ.

ئويلاپمۇ باقىمدىم سېنى باسار دەپ،
بىر كۈنى باغرىغا  كېلىپ ئاھ،  مەغرۇر.
شۇ سەۋەپ ئارتۇقچە ئويلاردا بولما،
يوق سەندە مەن كۈتكەن ساداقەت، ھوزۇر.

 
مەنبە: ئەسما ئەدەبىيات مۇنبىرى
بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز