بۇ يازما 15 قېتىم كۆرۈلدى ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان

ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان

شېئىر.ئازاپ.قايغۇ.يىغلاش.ئويلاش.ئۆكۈنۈش
 
مەمتىمىن  غوپۇر  يادىكار
 

ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان،
باردۇر بىر ئاشىقنىڭ شادلىقى- بەختى .
بار يەنە  ساماۋى چۈشكە ئايلانغان،
ساداقەت- ۋاپادىن قۇرۇلغان تەختى.

 

ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان،
بار ساپ بىر قەلبنىڭ  ياڭراق ئاۋازى.
بار يەنە  ئايلانغان بىردىن كەچكۈزگە،
ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ باھارى- يازى.

 

ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان،
بار تاتلىق ھېسلارنىڭ  پىچىرلاشلىرى.
بار يەنە  ئايلانسا خازانغا گۈللەر،
بۇلبۇلنىڭ پەريادتا قان يىغلاشلىرى.

 

ھەر تامچە يېشمىدا سەن ئۈچۈن ئاققان،
بار مىڭلاپ قۇياشنىڭ ھارارەت تەپتى.
بار يەنە ئايلانغان سۆيگۈ نەپرەتكە،
بىر ئاجىز يۈرەكنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى.

 
مەنبە: ئەسما ئەدەبىيات مۇنبىرى
بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز