بۇ يازما 18 قېتىم كۆرۈلدى نېمە دەپ رەنجىيمەن ھايات سېنىڭدىن

نېمە دەپ رەنجىيمەن ھايات سېنىڭدىن


(ئاپتورى:نامەلۇم)

نېمە دەپ رەنجىيمەن ھايات سېنىڭدىن،
ئۆزگىدەك ئۆزۈمنى سۆيمىگەن تۇرسام.
نېمە دەپ زارلايمەن سىناقلىرىڭدىن،
مەن تېخى ئۆتكەلدىن ئۆتمىگەن تۇرسام.

نېمە دەپ رەنجىيمەن ئۆزۈمدىن يەنە،
ئۆزۈمگە ئۆزۈمدەك  كۆيمىگەن  تۇرسام.
نېمە دەپ رەنجىيمەن ئۆزگىدىن  يەنە،
ئىشىنىپ سىر بەرگەن دەل ئۆزۈم تۇرسام.

نېمە دەپ رەنجىيمەن يالغۇزلۇقۇمدىن،
بۇ يولنى  تاللىغان ھەم ئۆزۈم تۇرسام.
نېمە دەپ رەنجىيمەن كۆز ياشلىرىمدىن،
يىغلاتقان گۇناھكار دەل ئۆزۈم تۇرسام.  

نېمە دەپ زارلايمان كىرپكلىرىمدىن  ،
ئۇيقىسىز تاڭلارغا باشلىغان تۇرسام.
نېمىشقا كۈلمەيمەن تىلىقىپ بىررەت،
مەنمۇ ھەم كۈلۈشكە يارالغان تۇرسام.

مەنبە: ئەسما ئەدەبىيات مۇنبىرى

بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز