بۇ يازما 48 قېتىم كۆرۈلدى ياشانغانلار چىش ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ياشانغانلار چىش ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ياشانغانلارنىڭ چىشىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا چاچقا ئاق كىرىپ ياش چوڭايغاندىمۇ چىشنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ياشانغانلارنىڭ چىش ئاسراش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چىش مىلىكى ئاستا-ئاستا يىگىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش مىلىكىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرىشى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشى ياخشى بولماي، چىش تېشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە چىش مىلىكى يىگىلەيدۇ، بەزىلەردە يەنە چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىمۇ بار، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىش ئاستا-ئاستا بوشىشىشقا باشلايدۇ.

ئۇنداقتا ياشانغانلار چىش ئاسراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. چىش چوتكىلاش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش

ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش ئەتىگەندە چىش چوتكىلىغاندىنمۇ مۇھىم. چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە چىش ئەتراپى كېسىلىنى داۋالايدىغان فىتورلۇق چىش پاستىسى ۋە جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى چىش پاستىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، چىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى ۋە چىڭىتقىلى بولىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق چىش ئاسراش

ياشانغانلارنىڭ چىش ئەھۋالى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە يۇمشاق بولۇشى كېرەك. قاينىتىش، دۈملەش قاتارلىق پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى كۆپرەك قوللىنىش، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، سۈت، باش پىياز، تۇرۇپ، راك قاسرىقى، كۈدە، بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، تەركىبىدە شېكەر بولغان، يېپىشقاق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: يۇمشاق كەمپۈت، پېچىنە، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

3. ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش

ئەڭ ياخشىسى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈپ، بىر قەدەر تېيىز بولغان چىش كاۋىكىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، چىشقا چاپلىشىۋالغان ماددىلارنى تازىلىۋېتىش كېرەك.

4. ۋاقتىدا چىش تولۇقلاش

چىشنىڭ كەمتۈك بولۇشى چايناش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ يەنە قوشنا چىشلارنىڭ بوشاپ چۈشۈپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنداقلا تىل ۋە چىرايغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كەم قالغان چىشلارنى تولۇقلاش ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاشتىكى بىر تۈرلۈك سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

چىش ساقلىقىنى ساقلاش ئۇسۇلى:

1. چىشنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، يۇقىرىقى چىشنى ئاستىنقى چىشقا 30 قېتىم تەگكۈزۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈش، بۇ ئۇسۇل چىش ئەتراپى توقۇلما تالالىرى قۇرۇلمىسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھەمدە چىش مىلىكى ۋە يۈزىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىشنى مۇستەھكەم ساقلايدۇ.

2. چىش مىلىكىنى ئۇۋۇلاش: ئالدى بىلەن باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنى پاكىز يۇيۇپ، بارماقنى ئېغىزغا سېلىپ، بەلگىلىك يۆنىلىش بويىچە چىش مىلىكىنى ئۇۋۇلاش، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاش، ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن ئىلمان سۇدا ئېغىزنى چايقاش كېرەك، بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا چىش مىلىكى، چىش ئوقۇرى ۋە چىش يىلىكىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىش مىلىكىنىڭ بالدۇر يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى
بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز