بۇ يازما 27 قېتىم كۆرۈلدى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ياش تۇرۇپلا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ھازىر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى. چۈنكى ھازىرقى زامان كىشىلىرى مەيلى خىزمەت قىلسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش بولسۇن، دائىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يۈرىدۇ، شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمارلار بارغانسېرى ياشلاشتى. ئۇنداقتا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئالدى بىلەن ئەلۋەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، قايسى خىلدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

ئەلۋەتتە، كۆپ قىسىم بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى داۋالاش پەقەت پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، يىلتىزىدىن داۋالاش ناھايىتى تەس. شۇڭا كۈندىلىك ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

1. ھەرىكەت قىلىش

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرى ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلمىسا، بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرى دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ يەردە بىز بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالدى بىلەن سەيلە قىلىش كېرەك، ھەر كۈنى ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، بۇنداق بولغاندا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى پەيدا قىلغان جىددىيلىكىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

ئەر.ئايال.مۇھەببەت

2. مۇۋاپىق ياستۇق تاللاش

مۇۋاپىق ياستۇق بوينىمىزنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئېگىلىشىنى يېنىكلىتىدۇ، شۇڭا ياستۇق تاللاشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

3. ياخشى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش

ناچار تۇرمۇش ئادىتى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن، دائىم بېشىنى تۆۋەن قىلىش ۋە ئۇخلاش ھالىتى ياخشى بولماسلىق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەت سەۋەبىدىن، يەنە بىر قىسمى ئۇخلاپ قالغاندا ئۇخلاش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا بىز خىزمەتتە ئامال بار باشنى ئازراق ئېگىپ، بويۇننىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ھالىتىنى ساقلىشىمىز، ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساق ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ، پەقەت ياخشى ئالدىنى ئالساقلا، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ نورمال ئادەملەردىن بولالايمىز.

مەنبە: نۇر تورى
بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز