بۇ يازما 18 قېتىم كۆرۈلدى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرىنى چوقۇم ئىستېمال قىلىش كېرەكمۇ؟

ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرىنى چوقۇم ئىستېمال قىلىش كېرەكمۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساغلاملىق چوڭ ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددا تولۇقلىغۇچى دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، چەت ئەللەردىن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورىلارنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەگەر سىز ھېچقانداق ساغلاملىق قۇۋۋەت دورىسى يەپ باقمىغان، ھېچقانداق مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا دېسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى سەپتىن چۈشۈپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز.

ئۇنداقتا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسىنى زادى يىيىش كىرەكمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: كونكرېت ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا قارار چىقىرىش، ھەمدە مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك. كۆپ مىقداردا تولۇقلاش، ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دورا

چۈنكى، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقىي مەنىدىكى«ساغلام ئادەم»گە تەۋە ئەمەس، «كۈندىلىك تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشىش»كە كاپالەتلىك قىلىش ناتايىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىرسىيەت گېنى، بەدەن ئەھۋالى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىغۇچى دورىلارغا بولغان ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

قانداق ئادەم قىسقا مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسىدىن نەپكە ئېرىشىدۇ؟ بۇ يەردە ئاددىي بىر قىسىم ئەھۋاللار بار.

1. ئوزۇقلۇق ماددىسى كەملىك كېسىلى كۆرۈلگەنلەر

كەم بولسا تولۇقلاش كېرەك، بۇ جەھەتتە ئەزەلدىن گۇمان بولۇپ باقمىغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نۇرغۇن كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىگە ۋىتامىنلىق مىنېرال ماددىلار قوشۇلغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كەڭ تارقالغان ھەر خىل مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكىنى يوقاتقان. دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، ئىككىلەمچى كىلىنىكا كەمچىل بولۇش (ئېغىر كېسەل بولۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەمما ھەر خىل يېنىك دەرىجىدە بىئارام بولۇش، بەدەن ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكىلى بولماسلىق) ئەھۋالى مەۋجۇت كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەگەر ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىسا، بۇ كىشىلەرنىڭ ھالىتىنى ياخشىلىغىلى ياكى كېسەللىكنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

ئاز مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بارمۇ يوق، 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئوزۇقلۇق بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، ياكى ئوزۇقلۇقشۇناسلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ ھۆكۈم قىلىشقا تەكلىپ قىلىڭ.

2. كېسەل بولۇپ قالغاندا ياكى دورا ئىچكەندە بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدىغان كىشىلەر

بەزى كېسەللىكلەر ئارتۇقچە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى خورىتىدۇ. مەسىلەن، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قەپەس يولى يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىن A غا ئېرىشەلىسە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى تېزلىشىدىكەن. چۈنكى، ۋىتامىن A شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ پارچىلىشى ۋە ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. بەزى دورىلار بەزى ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە كاشىلا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B12 قاتارلىقلار.

3. ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز كىشىلەر

مەسىلەن، ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىكتىكى تۆمۈر، سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنى تولۇق ئىئونلاشتۇرۇش تەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى فاكتورلارنىڭ ئاجرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا، ۋىتامىن B12 تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ.

بەزى دورىلار ئاشقازان ياكى ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئارتۇقچە بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4. ھەرىكەت مىقدارى بەك كۆپ كىشىلەر

تەنھەرىكەتچىلەر، مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى، ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ساھەسىدىكى زاتلار ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشى كېرەك. كۆپ مىقداردا ھەرىكەت قىلىش ۋە كۆپ مىقداردا تەر چىقىش كۆپ خىل B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى خورىتىدۇ، ئەگەر كۈندىلىك تاماقنى ئاز يېگەندە، ھەرىكەت كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نىسپىي يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

B تۈردىكى ۋىتامىنلار يېتىشمىگەندە ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، مەسىلەن، ۋىتامىن B1 يېتىشمىسە چۈشكۈنلۈك، چارچاش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە چارچاش ۋە تۈنەش كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى ئارتۇق خورىتىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىدىمۇ تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن C ۋە پانتوتېنىك كىسلاتا قاتارلىق ۋىتامىنلار سەرىپ بولىدۇ.

دورا

6. ئۈچ ۋاق تاماققا نورمال كاپالەتلىك قىلالمىغانلار

بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ. بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ناھايىتى ساغلام دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىسىنى يېيەلمەيدۇ.

7. ئورۇقلاۋاتقانلار

ئورۇقلايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىسىنى مۇۋاپىق تۈردە تولۇقلىشى كېرەك، بۇ ناھايىتى كۆپ سانلىق توپنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئورۇقلاش رىسالىمنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى بىر تال بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسى ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن (زۆرۈر ئەمەس، تەكلىپ) ياكى مۇرەككەپ ئوزۇقلۇق ماددا كومىلىچى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. مېنىڭ تاماق تىزىملىكىمدە ئون نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددا كۆرسەتكۈچى بويىچە تەڭشەپ، ئامال بار ھەر خىل مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇق سەپلىدىم.

لېكىن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنىڭ بەدەن ئېھتىياجىڭىزغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ ياخشىسى يەنە ئازراق تولۇقلاپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

1. مىقىدارى ھېسابلانمىغان باشقا مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. ئوزۇقلۇق ماددىسى نەچچە ئون خىل بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ يېتەرلىك سانلىق مەلۇماتى يوق، بارلىق تۈرلەر بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەپ كېتەلىشى ناتايىن. مەسىلەن، B تۈردىكى ۋىتامىنلار تەركىبىدىكى پانتوتېنىك كىسلاتا، بىئوتىن قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن تەركىبلەش جەدۋىلىدە يوق. يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن Kنىڭ سانلىق مەلۇماتى تولۇق ئەمەس. شۇڭا، مەن تاماق رىسالىسىدىكى ھەر بىر خىل مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ ياخشى تەمىنلەش ھالىتىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايمەن. پەقەت سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر تولۇق بولغان ئاشۇ ۋىتامىنلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاسان كەمچىل بولىدىغان بىر نەچچە خىل مىنېرال ماددىلار تولۇق ماسلاشتۇرۇلغان دېيىشكە بولىدۇ.

2. يېمەكلىك ماتېرىياللىرى زىيىنى ۋە قورۇما قورۇش، تەمىنى تەڭشەش زىيىنىنى ئويلىشىش كېرەك. قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىق، مەسىلەن، قارا ئاشلىق تامىقىنى پىشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش، گۈرۈچنى زىيادە چايقاپ قويۇش، گۈرۈچ، پۇرچاق چىلىغان سۇنى تۆكۈۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋىتامىننىڭ زىيىنىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ تاماق تەييارلاش ئەندىزىسى بويىچە يېگەندە، يەنى بىر قېتىم پىشۇرغاندىن كېيىن بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ ساقلاش، ھەر قېتىمدا بىر ئۈلۈشنى ئىسسىتىپ يېيىش كېرەك، گەرچە بىر قەدەر قولايلىق بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم قىزدۇرغاندا، قانداقلا بولمىسۇن، بىر قىسىم ۋىتامىنلار زىيانغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ۋىتامىن B1، فولىك كىسلاتا ۋە كىسلاتا، ۋىتامىن C قاتارلىقلار.

دورا

3. ئىلگىرى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق ياكى يېنىك دەرىجىدە كەمچىل بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك. دائىم تاماقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلايدىغان بەزى كىشىلەردە ئوزۇقلۇق رىسالىسى بويىچە يېيىشتىن بۇرۇن، كۆپ خىل مىكرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر نورمال مىقدار بويىچە يېگەندە، گەرچە سانى مۇۋاپىق بولسىمۇ، ئەمما ئېشىپ قالغان قىسمى ئارقىلىق ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇرەككەپ ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش كۆپەيسە، ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىكنى تەدرىجىي تولۇقلاپ، بەدەن ھالىتىنى تېخىمۇ ئاسان ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

4. ھەرىكەتنى كۆپەيتىش ئېلىپ كەلگەن ۋىتامىن ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئورۇقلاش ھەرىكىتى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئازدۇر-كۆپتۇر تەرلەشتىن كېلىپ چىققان سۇدا ئېرىشچان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپ B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىرسىيەت ياكى بەدەن سۈپىتى سەۋەبىدىن، بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئورۇقلىغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندا ئاسانلا يېنىك دەرىجىدە كەملىك كۆرۈلىدۇ. مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ»، يېتەرسىزلىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

5. مېتابولىزم يولىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئورۇقلاش مەزگىلىدە ماينى كۆپەيتىش كېرەك.

مېتابولىزم يولىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئورۇقلاش مەزگىلىدە ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شېكەرنىڭ يات ماددا ھاسىل قىلىش رولى كۈچىيىشى مۇمكىن، يەنە يېنىك دەرىجىدىكى كېتون تەنچىسى شەكىللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار بار، مېتابولىزم يولىنىڭ ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. ئورۇقلاش جەريانىدا دائىم مەۋجۇت بولىدىغان روھىي بېسىممۇ مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ.

6. زەھەر قايتۇرۇش بېسىمىنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ياغ ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئازايتىشتىن سىرت، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىر خىلىنىمۇ ئازايتىۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەتتا كۆپەيتىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ياغنىڭ پارچىلىنىشى، ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، كۆپ خىل B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ياغ تەركىبىدە بىر قىسىم بۇلغىغۇچى ماددىلار ساقلانغان بولۇپ، ياغنى پارچىلاش جەريانىدا قويۇپ بېرىلىدۇ، زەھەر قايتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق خىزمەتكە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

سەمىمىي مەسلىھەت:

1. ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، يېمەك-ئىچمەك سۈپىتى ياخشى، مىقدارى يېتەرلىك، ئالاھىدە بېسىم يوق، كۆپ ھەرىكەت قىلمىغان ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئارتۇقچە تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشتا چوقۇم سانىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارنىڭ 1 ~ 3 ھەسسىسىچىلىك بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق، ھەم بىخەتەر، ھەم زىياننى تولۇقلىغىلى، بەدەن زاپىسىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

3. ئوزۇقلۇق ماددا تابلېتكىسى ياكى كاپسۇلنى تولۇقلىغاندا، گەرچە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خەۋپىنى ئازايتقىلى بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ساغلام يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلىمۇ بولمايدۇ.

4. ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىغۇچى دورىلار قانچە قىممەت بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك.

5. ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئاز ساندىكى بىر نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى تولۇقلىغاندا، نامەلۇم خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە: نۇر تورى
بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز