بۇ يازما 25 قېتىم كۆرۈلدى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

چاچ

ئەرلەر كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرسا ياكى تور ئويۇنى ئوينىسا، ئاسانلا چارچاپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، نېرۋا جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئەرلەرنىڭ جىددىيلىشىشى ھاجەتسىز، ياخشىسى ۋاقتىنچە كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلىشى ھەم يېمەكلىك بىلەن چاچقا قۇۋۋەت تولۇقلىشى كېرەك. يەنى كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىق ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6 مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. ۋىتامىن A باش تېرە توقۇلمىسىنىڭ نورمال فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىگە ياغ يىغىلىۋېلىشنى ئازايتىپ، چاچنىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن B6 ياغ كىسلاتاسى بىرىكمىسىنى تەڭشەپ، تېرە يېغى ئاجرىتىشنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چېچى چۈشىدىغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەم بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداقلار سېرىق پۇرچاق، پالەك قاتارلىق تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنى ئىستېمال قىلسىمۇ جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈشكە، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىزلارغا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چاچ چۈشۈش ئۇيقۇ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان، ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىدىغان كىشلەرنىڭ چېچىمۇ ئاسان چۈشىدۇ، شۇڭا بۇنداقلار ئامال بار چۈشتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇخلىۋېلىشى، تەرتىپسىز بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشى كېرەك.

ئابلىمىت داۋۇت تەييارلىغان 

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز