بۇ يازما 17 قېتىم كۆرۈلدى چاچ چۈشۈش ۋە تاقىر باشلىق ئېرسىيەت قالامدۇ ؟

چاچ چۈشۈش ۋە تاقىر باشلىق ئېرسىيەت قالامدۇ ؟

چاچ چۈشۈش ۋە تاقىر باشلىق ئېرسىيەت قالامدۇ ؟

مۇتەخسسىلەر تاقىر باشلىقنىڭ ئىرسىيەت پىرىنسىپىنى ئاشكارىلىدى. 

چاچ چۈشۈش ئىرسىيىتىگە نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئانىسىدا چاچ چۈشۈش كۆرۈلسە پەقەت بىر بالىغا ئېرسىيەت قالىدۇ، دادىسى تاقىر بولسا پۈتۈن بىر ئائىلىگە ئىرسىيەت قالىدۇ.

تۇرمۇشتا، بولۇپمۇ لايىق تاللىغاندا نۇرغۇن چىچى چۈشۈپ كەتكەن تاقىر باش ئەرلەر ئاسانلا رەت قىلىنىدۇ، قىزلار نەزەرگە ئىلمايدۇ.

بۇ زادى قانداق ئىش؟  بىز ئىرسىيەت ۋە چاچ ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىلىرىنىڭ بايانىغا قارايلى:

چاچ ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىلىرى:  ئەرلەر ئېلىپ چاچ چۈشۈش گېنى ئاشكارا بولىدۇ، ئاياللار ئېلىپ يۈرگەن چاچ چۈشۈش گېنى يوشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ،

شۇڭا ئىرسىيەت قالغاندا، پەرزەنتلىرىنى چاچ چۈشۈشنىڭ كۆرۈلۈشى دادا تەرەپتىن بولۇشى ناتايىن. دادا تەرەپتە چاچ چۈشۈش كۆرۈلگەندە، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە چاچ چۈشۈش كۆرۈلۈشى ناتايىن.

تاقىر باشلىق ئوغۇل بالىدا كۆرۈلۈشى ئاشكارا ئىرسىيەت بولىدۇ، قىزبالىدا يوشۇرۇن ئىرسىيەت بولىدۇ. يېغنچاقلاپ ئېيتقاندا، دادىدىن ئوغۇلغا ئىرسىيەت قېلىشى ئاز ، ئەگەر دادىسى تاقىر باش بولسا، ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى تاقىر بولسا، ئوغۇل بالىدا كۆرۈلۈشى 100%  بولىدۇ.

چاچ

ئەگەر دادىسى تاقىر باش بولمىسا، ئانا تەرەپ چوڭ دادىسىنىڭ چىچى ئاز  بولسا، ئوغۇل بالىدا تاقىر باشلىق كۆرۈلۈشى 25% بولىدۇ. ئەگەر دادىسى تاقىر باش بولمىسا، ئانا تەرەپ چوڭ دادىسىنىڭ چىچى قويۇق بولسا، ئوغۇل بالىنىڭ تاقىر  باش بولۇشى  0بولىدۇ.

ئادەتتە تاقىر باشلىق بىر ئەۋلاد تاشلاپ ئىرسىيەت قالىدۇ. مسال:  ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى تاقىر باش بولسا، نەۋرسىمۇ تاقىر باش بولىدۇ، چۈنكى ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى Xخروموسۇمنى ئانىسىغا بېرىدۇ،ئانسدىكى قوشXخروموسۇمنىڭ بېرىدە تاقىر باشلىق ئېرسىيتى بولىدۇ، يەنە بىر نورمال بولىدۇ، شۇڭا يوشۇرۇن ئىرسىيەت دېيىلىدۇ، ئانىدا نورمال ئىرسىيەت ئاشكارىلىنىدۇ.

ئەگەر ئانا ئوغۇل تۇغسا، ئوغۇلنىڭ تاقىر باش بولۇش نىسبىتى 50%، ئوغۇل بالا ئانىسىنىڭ ئىرسىيەت ئېلىپ يۈرگەن X خروموسۇمغا ئېرىشسە تاقىر باش بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئەرلەر پەقەت بىر تاللا Xخروموسۇم بولىدۇ.

ئىرسىيەت ۋە چاچ ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىلىرى : ئېرىسىيەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، بىر نورمال ئادەم بىلەن بىر تاقىر باش توي قىلسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدە  تۆتتىن بىرىدىن يېرىمىگىچە تاقىر باشلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تاقىر باشلىق كۆرۈلۈشى ناتايىن.

 شۇڭا بىز كەڭ قىزلارغا نەسىھەتىمىز شۇكى؛ لايىق تاللىغاندا تاقىر باشلىقىغا قاراپلا رەت قىلۋەتمەسلىك كېرەك.

ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى ياخشى كۆرسە بولىدۇ، ئادىمىيلىكى ھەممىدىن مۇھىم، قارشى تەرەپ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈگىلى بولامدۇ-بولمامدۇ ؟

ھازىر نۇرغۇن چاچ چۈشۈشنى توختىتىش ۋە چاچ ئۈندۈرۈش ئۇسۇللىرى بار، تاقىرباشلارنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. 

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك
  • بىلبىلىك
  • مەن ئۆزۈم ئاددىيلا بىر ئادەم چۈنكى مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىم ۋە تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز